ئۆز بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئاتا-ئانا يوق. ھېچقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى يامان بولسۇن دەپ تەربىيىلىمەيدۇ. ئەپسۇسكى، ئىرادىمىزگە قارشى ھالدا بەزى بالىلار ئەسكى خۇيلۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى نەدە؟ بالىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتى ناچارمۇ؟ ياق. ھېچقانداق بالا تۇغۇلۇشىدىن ئەسكى تۇغۇلمايدۇ. بۇ مەسىلە ئاللىبۇرۇن ئىلىم-پەن تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت، ھەتتا مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ سوئالغا ناھايىتى ئىلمىي جاۋاب بەرگەن. ئۇ: «ئىنسان بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىي بۈيۈك، تەربىيىلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ تۈزۈك بولىدۇ. ھېچقانداق بالا تۇغۇلۇپلا بىلىملىك، پەزىلەتلىك بولۇپ قالمايدۇ، ئۇ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم، پەزىلەت تۆرىگە چىقىدۇ. پەقەت ئەقىللا تەبىئىي بولىدۇ، قالغان ھەممىنى يۈرۈپ ئۆگىنىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە پەرزەنتنىڭ يامان خۇي-پەيللىك بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەنلىكى ئۈستىگە يۈكلىگەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تەربىيىلەش مۇددىئاسى بىلەن تەربىيىلەش ئۇسۇلى، بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنى چۈشىنىش ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلالمىغاندا يامان نەتىجە تەرەپكە سۆرەيدۇ. ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىنى ئانىلار ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ ۋە بىلىشى كېرەك، ئەسلىي تەلەپتىن قارىغاندا، ئوخشاشمىغان ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بالىلارغا قويۇلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى كېرەك. بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بەش بالىنىڭ مىجەزى ئوخشىمايدۇ، بىرى كىچىكىدىن تەرساراق بولسا، بىرى ئېغىر-بېسىق بولىدۇ، يەنە بىرى، قىيىدىغاق بولسا، يەنە بىرى، رايىش بولىدۇ، بىرى، تەۋاز بولسا، يەنە بىرى، ئاچچىقى يامان بولىدۇ. بۇ خىل مىجەزنىڭ تەربىيە بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىدىن كېلىپ چىققان پەرق. بۇ دۇنيادا تاشقى كۆرۈنۈشى قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەرمۇ ئادەمنى تاپقىلى بولمىغانغا ئوخشاش، پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقى پۈتۈنلەي ئوخشاپ كېتىدىغان بىرمۇ بالا يوق. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر دۇنيا.بىراق، پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە يېزىلغان كىتاب، ماتېرىياللاردا بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى، بالىلار پسىخولوگلىرى ۋە پېداگوكلار بالىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇنداق بىرقانچە تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان:
1) بالىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ باشقۇرۇش ئەڭ ئەسكى ۋە ناچار ئۇسۇلدىن بىرى.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۇرۇش، تىللاش ۋە ھاقارەتلەشنى مۇھىم تەربىيە ۋاسىتىسى قىلىۋالغان. بىز ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ھەتتا تىلى چىقمىغان بۇۋاق بالىلارنى يىغلاپ خاپا قىلدىڭ دەپ، نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى ئۇقماي قارىغۇلارچە ئۇرىدىغان ئانىلارنىمۇ ئۇچراتتۇق.بىلىش كېرەككى، ئۇرۇش، تىللاش يولى بىلەن ھەرگىزمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە، بالىلارنىڭ پسىخىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز. ھاقارەتلەنگەن بالا كۆپىنچە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ھېچ ئىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان پسىخىكىنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ؛ ئاز ھاقارەتلەنگەن بالا، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيىلەنگەن بالا ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان ئادەم بولۇپ يېتىشىدۇ. ئۇرۇپ-تىللاش بىلەن چوڭ قىلغان بالىلار قورقۇنچاق، كەم ئەقىل، تەربىيە تەسىر قىلمايدىغان، قېلىن، ئۆز بېشىمچى، جاھىل خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ، يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە تەسىر يېتىدۇ، بالىلار ئۆزىنى يالغۇز، يەككە-يېگانە ھېس قىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن نەپرەتلىنىدۇ-يۇ، قورقۇپلا ئىتائەتمەن بولۇۋالىدۇ. ئىزوپ شۇڭا: «قوپال كۈچ ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ياخشى گەپ بىلەن ھەر دائىم كۆپرەك نەتىجىگە ئىگە بولىسەن» دېگەن. پىفاگور پەرزەنتلىرىنى ئۇرۇپ-تىللايدىغان ئاتا-ئانىلارغا ئېچىنىپ ئەپسۇسلانغان ھالدا: «قەبرىڭىز ئۈستىدە يىغلاشلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۆز يېشىنى تۆكمەڭ» دېگەنىكەن.بىراق، پەرزەنتلەرنى ھە دېگەندىلا سىلىق سۆز بىلەن، ئالداش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، نۆۋىتى كەلگەندە، بىر قىسىم جازالاش ۋاسىتىلىرىنى، قاتتىق قول بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان «قاتتىق قول بولۇش» ھەرگىزمۇ ئۇرۇپ-تىللاشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى تەلەپنىڭ قاتتىقراق بولۇشىنى، ئەتراپلىق بولۇشىنى، قاتتىق قوللۇق قىلىدىغان چاغدا يۇمشاقۋاشلىق قىلماسلىقنى،ئانچە-مۇنچە ھەيۋە قىلىپ چۆچۈتۈپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئارىسىدا «بالىلار تومۇرچى كېلىدۇ» دېگەن گەپ بار. شۇڭا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنى سۆيۈپلا قالماي، بەلكى ئاتا-ئانىدىن ئەيمىنىدىغان بولۇشى كېرەك. بەزى زۆرۈر تېپىلغان چاغلاردا ئانچە-مۇنچە پەش قېقىپ قويۇشنىڭمۇ تەسىرى ياخشى بولىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا ئانامنى بەك خاپا قىلغان بولسام كېرەك. بۇنىڭ ئۈستىگە دادام كېلىپ قالدى. ئانام ئەھۋالنى ئېيتقانىدى، دادام بىرچىۋىقنى قايرىۋېلىپ مېنى ساۋاشقا تەمشەلدى، ئانام بولسا، «قاچ، بولمىسا تاياق يەيسەن» دېدى، مەن قاچتىم، دادام كەينىمدىن خېلى يەرگىچە قوغلىدى. كۆرگەنلەر «تاھىر ئەمەت بالىسىنى تۇتۇۋالسا بىر يېرىنى چېقىۋېتىدىغان بولدى» دەپ قالاتتى. دادام ماڭا يېتىشىۋالدى. بىراق، ئىككى قولتۇقۇمدىن تۇتۇپ، لېۋىنى چىشلەپ دەس كۆتۈرۈپ دىككىدا دەسسىتىپ قويۇپ كەينىگە قارىماي ماڭدى، مەنمۇ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. بۇنداق ئۇسۇل بەزىدە قاتتىق ئۇرغاندىنمۇ، سىلىق-سىپايە بولغاندىنمۇ ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قويۇش كېرەككى، پەرزەنتلەرنىڭ يۇمران قەلبىدە قالدۇرۇلغان كىچىككىنە داغ مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
2) ھەددىدىن ئارتۇق ئەركە قىلىپ قويۇش پەرزەنتلەرنى كېرەكتىن چىقىرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق ئەسكەرتكەن: «قىز-ئوغلۇڭنى ئەركە ئۆگىتىپ قويدۇڭمۇ، بولدى ئۇنىڭدىن كۆڭلۈڭنى ئۈز.» گوگول مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن، ھەممە ئەخلاقسىز مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە بالىلارغا قۇللارچە مۇناسىۋەتتە بولۇش ئەڭ زور ئەخلاقسىزلىق.»
ئۇنداقتا، بالىلارنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇشنىڭ ئىپادىلىرى نېمە؟
(1) بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش.
(2) ھەممە ئىشتا بالىلارنىڭ رايىغا بېقىش.
(3) ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈلچەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش.
(4) ئورۇنسىز تەلەپلىرىگە يول قويۇش، نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىش.
(5) بالىلارنى ئاسرايمەن دەپ ئىشقا سالماسلىق.
(6) ھە دېگەندە ماختاش ۋە ئەركىلىتىش.
(7) بالىلاردىن گۇناھ ئۆتسىمۇ بالىغا يان بېسىش.
ئەركە تەربىيىلەش پەرزەنتلەرگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
(1) بالىلار ھەممىدە ئاتا-ئانىغىلا تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
(2) سىز بالىنى تىزگىنلەش ئىختىيارىڭىزنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويىسىز، بالىلار سىزگە ھۆكۈمران بولىدۇ.
(3) پىشىپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھۇرۇن، ھارام تاماق بولىدۇ، ئازراق قىيىنچىلىقق ائۇچرىسا ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمايدۇ، قىلغان كىچىككىنە ئىشىغا مىننەت قىلىدۇ.
(4) تەرسا، نېرۋا مىجەز بولۇپ قالىدۇ.
(5) تەمەخور، شەخسىيەتچى، ئۆز بېشىمچى بولۇپ قالىدۇ.
3) بالىنى ئىككى ئارىلىق قىلىپ قويۇش يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك قىلىپ قويىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دېگەن: «سەن بالىلىق بولىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ تەربىيىچىسى ئۆزۈڭلا بول.» بۇ تەۋسىيە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، بىرى، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىشى ناتايىن. يەنە بىرى، باشقىلار بالىلارغا ئۆزىڭىزدەك كۆيۈنمەيدۇ، كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
بالىلارنى چوڭ دادا، چوڭ ئانىلىرىغا باقتۇرغاندا، بالىلار ئىككى يۈزلىمە خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. ئوتتۇرىدا گەپ توشۇپ نەپ ئالىدىغان چېقىمچى ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. ئۆيدىن ئازراق كۆڭلى رەنجىسە، تەلىپى قاندۇرۇلمىسا چوڭ ئۆيگە بېرىۋالىدۇ. ئۇلارنى ئۆزىگە پاناھ قىلىۋېلىپ گەپكە كىرمەيدۇ. شۇڭا بالىلارنى بىر قوللۇق تەربىيىلەش لازىم.
يەنە، تەربىيىدە ئاتا-ئانىلار بىردەك بولۇشى لازىم. تەربىيىدە بىردەكلىكنى ساقلاش لازىم. مۇنداق بولمايدىكەن، بىر تەرەپ تەربىيە قىلىۋاتسا، يەنە بىر ئادەم ئارىلىشىۋالسا، بىر تەرەپ بىر نېمە دېسە، يەنە بىر تەرەپ ئەكسىچە بىر نەرسە دېسە، بىر تەرەپ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يەنە بىر تەرەپ بالىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتسە، بالىلار ئىككى ئارىدا گاڭگىراپ قالىدۇ. كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھىيلىگەرلىك، قۇۋلۇقنى ئۆگىنىدۇ. كىم ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلسا شۇنىڭ بېقىنىغا كىرىدۇ، قاتتىق تەلەپ قويغان تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بالىلارنى ئاشكارا سورۇنلاردا ئەيىبلەش، باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ بالىنى كەم سۇندۇرۇش، بالىنىڭ تاللىشىغا، پىكرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، بالىلارنى كىچىك دەپ ئېتىبارغا ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ھېس قىلماسلىق، كۆڭلىنى چۈشەنمەسلىك، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرماسلىق، ئۇلارغا زورلۇق ۋە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خاتا تەربىيىلەش ئۇسۇلىدۇر.
ئۇنداق بولسا مۇۋاپىق ۋە پايدىلىق ئۇسۇل قايسى؟
(1) نورمال، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
(2) ئاددىي، كىچىك سەۋەنلىكلىرىگىمۇ سەل قارىماسلىق.
(3) ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق، سەۋرچان بولۇش.
(4) ئۇلنى دەسلەپكى تەربىيە مەزگىلىدىن چىڭىتىپ مېڭىش.
(5) بالىغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش.
(6) ھە دېسە چېچىلىشتىن ۋە غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىش.
4) بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋېلىش بالىلارنى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
بالىلارنىڭمۇ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ياشاش ئادىتى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىگە خاس قىزىقىشى بولىدۇ، ئۆزى ياخشى دەپ قارىغان يولى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۇلارغا زىيان سالمايدىغان بولسا، ئۇلار شۇ ئىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىش كېرەك. ھە دېگەندە ئۇلارنى كونترول قىلىپ، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىشقا سالىمەن دېسىڭىز، ئۇ بالىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى بولۇپ قالىدۇ. بالىڭىزنىڭ شۇ ئىشتىكى مەغلۇبىيىتى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز بولىدۇ. پەرزەنت بولسا سىزنىڭ خاھىشىڭىزنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىچىك چېغىدىلا مۇنداق ئىش قىلدۇرىمەن دەپ تون پىچىپ قويىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بالىنىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ بۇنى ھېسابقا ئالمايدۇ، بۇ ياخشى تەربىيە ئۇسۇلى ئەمەس.
يەنە بىرى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ كىرگىدەك بولسا، بالىغا يان بېسىپ ئۇرۇشۇپ بېرىدىغان ئىشلارنى قلىماڭ. بۇ ئىنتايىن خاتا ئۇسۇل. ھېكايە قىلىنىشىچە، ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى دادىسىنىڭ ئالدىغا غەزەپلەنگەن ھالدا كىرىپ كەپتۇ-دە، شۇنداق دەپتۇ: «پالانى لەشكەر بېشىنىڭ بالىسى مېنى قاتتىق تىللىدى.»ھارۇن رەشىد دۆلەت ئەربابلىرىدىن بۇنداق ئادەملەرگە قانداق جازا بېرىمىز دەپ سورىغانىكەن، بىرى ئۆلتۈرۈشنى، يەنە بىرى تىلىنى كېسىپ تاشلاشنى تەلەپ قىپتۇ.
ھارۇن بولسا: «ئوغلۇم، مەردلىك قىلاي دېسەڭ، ئۇنى ئەپۇ قىل. ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، سەنمۇ ئۇنى تىللىۋال، ئەمما ئىنتىقام چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى ئۇ چاغدا زورلۇق سەن تەرەپتىن بولۇپ قېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ دەۋاسىغا قالىسەن!» دەپتۇ.
مانا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
5) ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر دائىم ئەيىبلىگۈچى بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا پەرزەنتلەرگە نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگۈدەك ساپا بولۇشى كېرەك.
بىلىش كېرەككى، بالىلارنىڭ ئۆزى چۈشىنەلمىگەن ۋە ھېس قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقلىرى، سادىر قىلغان كەمچىلىكى بالىلار ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق چاغدا كۆزنى يۇمۇۋېلىپلا كايىپ كېتىش تەربىيە ئەمەس، بەلكى زەربە بولىدۇ. يېڭىلىشىپ قېلىشتىن قورققۇلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلىقى ھېچ ئىش قىلماسلىق، ئەمەلىيەتتە بولسا ھىچ ئىش قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ يېڭىلىشىش. بالىلارنىڭ خاتالىشىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ھېچ ئىش قىلدۇرماسلىق، ماھىيەتتە ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بالىلارغا مۇئامىلەقىلغاندا
مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىمۇ، ئىلھام بېرىشنىمۇ، تەنقىدلەشنىمۇ بىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
ماتىريالدىن ئېلىندى
