تەييار چۆپ قولايلىقلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى. ئەمما بەزى كىشىلەر تەييار چۆپنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ- دەپ قارايدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟ ‹‹ئىستېمال يېتەكچىسى››سەھىپىمىزنىڭ داۋامىدا مۇشۇ ھەقتە توختىلىمىز.
تەييار چۆپ ئىستېمالى جەھەتتە ئىلگىرى مۇنداق بىر قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يەنى تەييار چۆپ پالما يېغىدا پىشۇرۇلغان بولىدۇ، پالما يېغىدا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى يۇقىرى بولغاچقا، تەييار چۆپتىمۇ تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ئوكسىگېن بىلەن ئاسان رېئاكسىيىلەشمەيدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى سۈمۈرۈشى كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئوكسىگېننى چىقىرىۋېتەلمەيدۇ-دە، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشى تېزلىشىپ، قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن بەزىلەر بەدىنىنىڭ قېرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەييار چۆپ ئىستېمال قىلماسلىق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.</p>
دۆلەت يېمەكلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەتتىكى كىشىلەر تەييار چۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بەدىنى قوبۇل قىلغان تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. بەدەننىڭ قېرىشى كۆپ خىل ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، تەييار چۆپ قېرىشنى تېزلىتىدۇ، دېيىش توغرا ئەمەس. تەييار چۆپنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، بەدەنگە ھېچقانداق زىيىنى يوق
