سىزنىڭ ئورنىڭىز:مائارىپ ئۇچۇرىبىتى >> مائارىپ خەۋەرلىرى >> توققۇز ئېقىن ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈگىنىڭ ئالتۇن توي خاتىرلەندى

توققۇز ئېقىن ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈگىنىڭ ئالتۇن توي خاتىرلەندى

2008-01-09 00:52:02  يازغۇچى:ئالىم مۇھەممەت   مەنبە:توقسۇن مائارىپ تورى  ئۇقۇلىشى:238  خەت چوڭلىقى:【چوڭ】【ئوتتۇرا】【كىچىك
چۈشەندۇرلىشى:توققۇز ئېقىن ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈگىنىڭ ئالتۇن توي خاتىرلەندى 18-سىنتەربىر كۈنى توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ ش ...

توققۇز ئېقىن ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈگىنىڭ ئالتۇن توي خاتىرلەندى

 

18-سىنتەربىر كۈنى توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدە پىلاكاتلار ئېسىلىپ، يول بويىغا ھەر خىل بايراقلار قادىلىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە لەپىلدەپ تۇراتتى. توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىچىدىن شادىيانە ناغرا-سۇناي ئاۋازى ياڭراپ بايرام تۇسىگە كىرگەن ئىدى. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى ۋە ئىچى تەرىپىدە يارىشىملىق ئەتلەس كۆينەك، دوپپا كەيگەن قىزلار قىزغىن سالاملىرى بىلەن مېھمانلارنى قارشى ئالماقتا ئىدى. ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ فورمىسىنى كېيىپ مېھمانلارغا قىزغىن سالام سائەت قىلىپ گۈل تاقاپ خاتىرە ئىزنىگى ۋە تەزكىرە كىتابىنى سوغا قىلىپ مۇراسىم مەيدانىغا باشلايتتى. شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 8:00 دە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى تۇمۈر داۋامەت، مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنىۋەر ھامۇت، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇن چاڭخۇا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابلا قاسىم ، جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سوغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باش دىرېكتورى ئەخمەت تۇرسۇن ۋە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشى بىلەن قىزغىن چاۋاك ئارقىلىق پۈتۈن مەكتەپ ئىچى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. يىغىن باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى ئىلھام قېيۇم مەكتەپنىڭ 50 يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

50 يىل ئىلگىرى يولداش تۇمۇر داۋامەت باشچىلىقىدىكى توقسۇن ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كەڭ خەلقنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، تۇنجى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەرىپەت ئۇچىقىنى بەرپا قىلغان ئىدى. 14 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى ۋە 170 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇش باشلىغان بۇ مەرىپەت ئۇچىقى 50 مابەينىدە 12 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنى تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەرىپەت ئۇرىقىنى چېچىپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالى مەكتەپلەرنى 3000 دىن ئارتۇق لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى بىلەن تەمىنلىدى. بۇلار تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ مەكتىپىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى. ئۇلار ئىچىدىن دوتسېنىت ياكى شۇنىڭغا تەڭ دەرىجىدىكى كەسپىي ئۈنۋانغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئۈنۋانغا ئېرىشكەن 120 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى، مۇئاۋىن نازىر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەمۇرى خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ھەم ئۆتەۋاتقان 30 دىن ئارتۇق مەمۇرى خادىمنى مىسال قىلىش مۇمكىن. 50 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ مەرىپەت ئۇچىقى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 167 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىگە، 39 سىنىپ، 1600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئىگە تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەرىپەت باغچىسىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ رەھبەرلىكى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى ۋە ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتەرگەنلىكتىن 2005-يىلىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالى مەكتەپ تۇلۇق كۇرس نومۇر چېكىگە يېتىش نىسبىتى %92 تىن ئاشتى.

 مەكتەپداشلار، ساۋاقداشلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇمۈر داۋامەت مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقۇرى باھا بەردى، مەكتەپنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئوقۇتۇش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن بايراق ئەتىرىتى ۋە بارابان ئەتىرىتى مەيدانغا كىرىشى بىلەن تەڭلا تېنىچلىق كەپتەرلىرى ئاسمانغا پەرۋاز قىلدى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن پارات ئەتىرىتى ھەيۋەتلىك شۇئارلارنى توۋلاپ يىغىن مەيدانىغا كىردى. ھەر قايسى سىنىپلار پاراتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. سەنئەت پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن مەكتەپ مارشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار مارشىنى كوللىكتىپ ئورۇنلىدى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن سەنئەتچىلەر توقسۇننىڭ «دەرد-داغ» مۇقامىدىن ئارىيەگە كوللىكتىپ ئۇسۇل ئويناپ يىغىن كەيپىياتىنى يۇقۇرى ئەۋجىگە كۆتەردى. ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەنئەت ئۆمىكىدىن شازادىگۈل ئەخمەت، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن سەمى ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئالتۇن تويىغا ئاتالغان ناخشىلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

مۇراسىمدا توقسۇن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 200 مىڭ يۈەن، جۇڭگو مال-مۈلۈك سوغۇرتا شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 100 مىڭ يۈەن، مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى ئازادىگۈل تۇمۈر خانىم 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. مۇراسىمدىن كېيىن تۇمۇر داۋامەت ۋە ۋىلايەت ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە مەكتەپ تەزكىرە ئۆيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ ئەينى يىللاردا ئۆزى بىلەن بىرگە بۇ مەكتەپنى قۇرۇشقا قاتناشقان خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا يۇقۇرى باھا بەردى. تۇمۈر داۋامەت تەزكىرە ئۆيى خاتىرسىگە «توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تېخىمۇ گۈللەنسۈن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ تىرىشىپ دۆلەت بويىچە ئىلغار ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇپ چىقىڭلار» دەپ بېغىشلىما يازدى.

ئەينى يىللاردا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلار يىللىقلار بويىچە ھەر قايسى سىنىپلارغا يىغىلىپ ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەشتى. مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقۇرى باھا بەردى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

 

 

 

 

توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىم مۇھەممەت خەۋىرى، دىلمۇرات رىشىت فوتوسى

مۇھەرىر:ikram


مۇناسىۋەتلىك ماقالە
 

يىڭى ماقالە

تىخمۇ كۆپ

· بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز... (30)
· ئاپتونوم رايون مائارىپ توغ... (65)
· توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئاشكارە... (0)
· ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى... (116)
· بۇ يىل ئاپتونوم رايو... (100)
· 2007-2008ئوقۇش يىللىق تولۇق3-يى... (150)
· مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە... (174)
· ئابتۇنۇم رايۇنلۇق 11-نۆۋەتل... (119)
· باشلانغۇچ 2پەن ئمتاھان ئومو... (164)
· 07-08ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك با... (189)

تەۋسيلىك ماقالە

تىخمۇ كۆپ

· بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز... (30)
· ئاپتونوم رايون مائارىپ توغ... (65)
· توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئاشكارە... (0)
· ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى... (116)
· بۇ يىل ئاپتونوم رايو... (100)
· 2007-2008ئوقۇش يىللىق تولۇق3-يى... (150)
· مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە... (174)
· ئابتۇنۇم رايۇنلۇق 11-نۆۋەتل... (119)
· باشلانغۇچ 2پەن ئمتاھان ئومو... (164)
· 07-08ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك با... (189)

ئاۋات ماقالە

تىخمۇ كۆپ

· ئوقۇتقۇچىلانىڭ دائىملىق تە... (309)
· توقسۇن ناھىيە بوستان يېزىس... (308)
· ئۇقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل-سەنئە... (279)
· مائارىپ كادىرلار ئىسلاھاتى... (255)
· توققۇز ئېقىن ۋادىسىدىكى مە... (238)
· توقسۇن ناھىيىسى بويىچە باش... (230)
· مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاتە ... (193)
· 07-08ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك با... (189)
· ئەدەبىيات ۋە خەنزۇچىدىن 2008-... (186)
· مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە... (174)