ئابتۇنۇم رايۇنلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا نۇر بەكرى بەرگەن <<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات >>تىن ئۈزۈندىلەر
ئۆتكەن بەش يىل ئابتۇنۇم رايۇنىمىز ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت بەرپا قىلىشتا زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بەش يىل، ئابتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان، خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپ ئالغان بەش يىل ، ئابتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان ، ئورتاق گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بەش يىل بولدى.
مائارىپ ئىشلىرىغا جەمئىي 43 مىليارت يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىركى ۋە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى <<قوش تىل >>ئوقۇتۇشىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق،<<ئىككى ئاساسەن>> پىلانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىدۇق، <<ئىككى ئاساسەن>>نىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى 99.8% كە ، باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى% 99.3 كە، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى% 93.9 كە يەتتى. ئالىي مەكتەپلەردە پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى كۈنسايىن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلدى، جەمئىي 14 مىليارت يۈەندىن كۆپرەك پەن-تېخنىكا خىراجىتى غەملىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە مالىيە سېلىنمىسى 3 مىليارت 650 مىليون يۈەن. 1094 تۈرلۈك چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتىگە ، 5043 تۈرلۈك پاتىنت ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق.
......................................................................................................
مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. <<ئىككى ئاساسەن>>نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەپ، <<قوش تىل>> دا ئوقۇتۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىركى <<قوش تىل>>دا ئوقۇتۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. شىنجاڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئىچكىرى جايلاردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلارنىڭ كۆلۈمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان <<قوش تىل>>دا ئوقۇتۇش تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىتىشتۈرۈش قۇرۇلىشى ۋە <<قوش تىل>>دا ئوقۇتۇشقا ياردەم بىرىش پىلانىنى يولغا قۇيۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتلەندۇرۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ،توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشتىكى تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك يولغا قۇيىمىز.تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تىزلىتىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ پەن قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئالاھىيدە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى مۇككەممەللەشتۈرىمىز، پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تەربىيىلەش تۈزۈمىنى يولغا قۇيىمىز. ئوتتۇرا دەرىيجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپلىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن تەڭ بەھرىمان بۇلۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۇرىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەكتەپ ئېچىشقا رىغبەتلەندۇرىمىز ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرىمىز.
.................................................
..................................................................
ئابتۇنۇم رايۇنلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا نۇر بەكرى
بەرگەن <<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات >>تىن ئۈزۈندىلەر
شىنجاڭ گېزىتى 2008-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدىن
