توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەكشۇرۇشتە بولدى.
بۈگۈن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئىدارە باشلىقى ھەيتەم مۇھەممەت ۋە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەنىۋەر جاپپار قاتارلىقلار ناھىيىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپلەردە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان قوغداش خادىملىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى. تەكشۈرۈشتە يەنە، مەكتەپلەرنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋاللىرى ۋە باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەپسىلى تەكشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بىرىپ بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئەسكەرتتى شۇنداقلا يەنە كېلەر مەۋسۈملۈك ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر بەردى.
2008-2-4
