|
سىزنىڭ ئورنىڭىز:مائارىپ ئۇچۇرىبىتى >> مائارىپ خەۋەرلىرى >> ئاپتونوم رايون مائارىپ توغرىسىدا بىر قانچە يېڭى سىياسەت چىقاردى
ئاپتونوم رايون مائارىپ توغرىسىدا بىر قانچە يېڭى سىياسەت چىقاردىچۈشەندۇرلىشى: ئاپتونوم رايون مائارىپ توغرىسىدا بىر قانچە ...
ئاپتونوم رايون مائارىپ توغرىسىدا بىر قانچە يېڭى سىياسەت چىقاردى
شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون مائارىپ خىزمىتىنى تېخىمۇ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىدىن بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزگەن.
— مېيىپ بالىلار مائارىپى ‹‹توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش›› دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن باشلاپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى (2012- 2008يىلغىچە)›› نى يولغا قويۇپ، مېيىپ بالىلار مائارىپىنى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېزدىن ئالاھىدە مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى بەش يىلدا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن ياكى يەتكۈزىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭ يىغىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا مېيىپ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى%59.27،بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن خېلىلا تۆۋەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى يوق. باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى مەكتەپلەرنىڭ دائىرىسى كىچىك،
شارائىتى ناچار. دۆلىتىمىز ‹‹غەربىي رايونلاردا ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇش پىلانى››نى يولغا قويىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ ئىش ئالدىنئالا باشلاندى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە بىردىن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى قۇرىدۇ ھەم بۇ قۇرۇلۇشنى تەدرىجىي نوپۇسى 300مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيىلەرگىچە كېڭەيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېيىپ بالىلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
— بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. 2008- يىلى كۈزدە يېڭى ئوقۇش باشلانغاندىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1 - يىللىقىنىڭ دەرسلىكى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس خىراجەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يولغا قويۇش لايىھىسى تۈزۈلۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى پەن ئايرىمىسى بويىچە تەربىيىلەش ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى توردا تەربىيىلەش
تاماملاندى.
ئاپتونوم رايون 2007- يىلىدىن باشلاپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى ئاپتونوم رايون بويىچە يولغا قويدى، نۆۋەتتە دەرىجىسىنى باھالاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان باھالاش سىستېمىسىنى قۇرۇۋاتىدۇ.
— ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش بويىچە پراكتىكا قىلدۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، سىناق نۇقتا كارخانىلىرىنى بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارنىڭ ئىش ئورنىدا پراكتىكا قىلىش خىزمىتىگە تەشكىللەشنى باشلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پراكتىكا بازىسىنى قۇرۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈردى.
جاۋ دېجۇڭ مۇنداق دېدى: 2008- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى 100مىڭدىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانىنى %80كە يەتكۈزىدۇ. ‹‹11 - بەش يىللىق››
پىلاننىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى ھازىرقى 7: 3 بولۇشتىن، ئاساسەن ئوخشاش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شارائىتى ياخشىراق بەزى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى تولۇق ئىكەن، بىراق بەزى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كەسپىي مائارىپ مەركەزلىرى ۋە ئاساسى ئاجىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى ئاز ئىكەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 39كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى يوق
ئىكەن ياكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 100گە يەتمەيدىكەن. شۇڭا ئاپتونوم رايون بۇنىڭدىن كېيىن، يۇقىرىقى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرىدىكەن ياكى بايلىق مەنبەلىرىنى رەتكە سالىدىكەن.
مۇھەرىر:ikram |
يىڭى ماقالەتىخمۇ كۆپ
تەۋسيلىك ماقالەتىخمۇ كۆپ
ئاۋات ماقالەتىخمۇ كۆپ
|
