|
سىزنىڭ ئورنىڭىز:مائارىپ ئۇچۇرىبىتى >> مائارىپ خەۋەرلىرى >> بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن 17 تولۇق كۇرس كەسپى قوشۇلدى
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن 17 تولۇق كۇرس كەسپى قوشۇلدىچۈشەندۇرلىشى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتە ...
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن 17 تولۇق كۇرس كەسپى قوشۇلدى
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە ، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2008 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى يەتتە ئالىي مەكتەپ ۋە ئىككى مۇستەقىل ئالىي مەكتەپتە 17 تولۇق كۇرس كەسپى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشچە ، بۇ قېتىم كۆپەيتىلىدىغان 17 يېڭى كەسىپ ، ئاساسلىقى تەبئىي پەن سانائەت تۈرى ، باشقۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىلمىي قاتارلىق كەسىپلەر بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ – مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا ئۈچتىن تولۇق كۇرس كەسىپى كۆپەيتىلىدىكەن . شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۇرۇقچىلىق ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپى ؛ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەمەلىي خىمىيە ، بايلىق – مۇھىت ۋە شەھەر – يېزا پىلانلاش ، سىپىرلىق سەنئەت كەسپى ؛ شىنجاڭ – مالىيە ئىقتىسادئۇنىۋېرسىتېتىغاسۇغۇرتا ، تاشقى سودا خەنزۇتىلى ، خوجىلىق باشقۇرۇش كەسىپلىرى ؛ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەسلى مائارىپى ، ئۇچۇر – كومپيۇتېر ئىلمى ، جۇغراپىيە ئىلمىي كەسىپلىرى ، تارىم ئۇنۋېرسىتېتىغا ئىنگىلىزتىلى ، شەھەر پىلانلاش كەسىپلىرى ؛ ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ستاسىتىكا ئىلمىي كەسىپى ؛ سانجى ئىنىستىتۇتىغا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپى ؛ شىنجاڭ يېزا – ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى پەن تېخنىكا ئىنىستىتۇتىغا دورىگەرلىك ، زېمىن – بايلىق باشقۇرۇش كەسىپلىرى ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ يىتۈك ئىزباسارلارنى تەربىيلەش ئىنىستىتۇتىغا ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى كەسپى قوشۇلغان .
مۇھەرىر:ikram |
يىڭى ماقالەتىخمۇ كۆپ
تەۋسيلىك ماقالەتىخمۇ كۆپ
ئاۋات ماقالەتىخمۇ كۆپ
|
