بالىلارنىڭ ئۈگىنىشتىن زېرىكىشىدىكى سەۋەبلەر
ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەلەپلىرى:
زىيادە يۇقىرى ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە بالىلاردا ئوڭايلا مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئالغا ئىلگىرلەش روھىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۈگىنىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشەلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالىلاردا ئۆزىنى مەغلۇبىيەتچى دەپ قاراشتەك ئەھۋال پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيىنىشى ۋە ئەركىن ئازادە تۇرمۇشنى ئويلىسا ئۈگىنىشتىن بارغانسېرى زېرىكىپ قالىدۇ.
تەلەپ زىيادە تۆۋەن بولۇپ كېتىش ياكى ئۆز مەيلىگە قويىۋىتىش:
ئەگەردە ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويغان تەلىپى زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۈنبويى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى پىسخىك ئۆزگىرىشلىرىگە سەل قاراپ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، بالىلار قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىلا ئۈگىنىش بەك جاپالىق ئىكەن دەپ بىلىپ، ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنداقلا ئۈگىنىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئۈگىنىشتىن زېرىكىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
ئېغىر بولغان ئائىلە زىددىيتى:
دائىم جىدەل - ماجرا يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئائىلىدە ياشىغان بالىلاردا غەم - ئەندىشە كۆپ بولۇپ، ئۆگىنىشكە بېرىلىش ئىڭى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش كەمچىل بولۇش:
دەسلەپتە بالىلارنىڭ ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى، ئىشەنچىسى تولۇق بولىدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى دائىم ئىددىيسى قالاق، تۇرمۇشى مەنىسىز، پەقەت نۇمۇرغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاتا - ئانىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
مەكتەپتىكى مەسىلە:
ئۈگىنىش يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇپ كىتىش، مەكتەپ ھاياتى زىيادە جىددىيلىكتە ئۆتۈش؛ مەكتەپ ئىنتىزامى زىيادە قاتتىق بولۇش؛ بالىلار مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش ۋە ھاقارەتكە ئۇچراش.
ناچار ئۈگىنىش مۇھىتى:
ئاتا - ئانىلار ئۈگىنىشكە قىززىقماسلىق، ئۈگىنىش موھىتى ناچار بولۇش قاتارلىقلار.
مەنزىل: << ئائىلە تۇرمۇش گېزىتى >> دىن ئەخمەتجان تەرجىمىسى.
ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ شەخسەن پىكرىم:ئاتا - ئانا بولغان ۋە ئاتا - ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان كىشىلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلسىڭىز، ۋىجدانى بۇرچ ۋە يۈكسەك مەجبۇرىيتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىپ پەرزەنتىڭىزنى كەلگۈسىدىكى ئەلگە ياراملىق بولغان ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.