سىزنىڭ ئورنىڭىز:قانۇن سىياسەتلەربىتى >> مائارىپ قانۇنلىرى >> جىنايى ئىشلار قانۇنى

جىنايى ئىشلار قانۇنى

2007-12-29 19:12:57  يازغۇچى:hiyal  مەنبە:توقسۇن مائارىپ تورى  ئۇقۇلىشى:57  خەت چوڭلىقى:【چوڭ】【ئوتتۇرا】【كىچىك
كەسىپ تۈرلىرى

قانۇنلار
ئىزاھاتى

(1979 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1997 – يىلى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 1997 – يىلى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 83 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1997 – يىلى 10- ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 1998 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش، قاچۇرۇش ۋە قانۇنسىز ئېلىپ – سېتىش جىنايەتلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى قارارى»غا، 1999 – يىلى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى)1(»گە، 2001 – يىلى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى)2(»گە، 2001 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى )3(» گە، 2002 – يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى )4( »گە ئاساسەن تۈزىتىلدى)
1 – قىسىم ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – باب جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى، ئاساسىي پرىنسىپى ۋە تەتبىقىلىنىش دائىرىسى
1 – ماددا بۇ قانۇن جىنايەتنى جازالاش، خەلقنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايەتكە قارشى كۈرەشتىكى كونكرېت تەجرىبىلىرىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى _ جىنايى جازابېرىش ئارقىلىق بارلىق جىنايى قىلمشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىميەتنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قوغداش، دۆلەت مال – مۈلكىنى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلكىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى مال – مۈلكىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
3 – ماددا قانۇندا جىنايى قىلمىش دەپ بەلگىلەنگەن قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. قانۇندا جىنايى قىلمىش دەپ بەلگىلەنمىگەن قىلمىشلارنى جىنايەت بېكىتىپ جازالاشقا بولمايدۇ.
4 – ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق ئادەمگە قانۇن بىردەك باراۋەر تەتبىقلىنىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5 – ماددا جىنايى جازانىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىگە ۋە جىنايى جاۋابكارلىقىغا ماس كېلىشى لازىم.
6 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلرى بۇنىڭ سىرتىدا.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە – پاراخوتلىرىدا ياكى ئاۋىئا ۋاستىلىرىدە سادىر بولغان جىنايەتلەرگىمۇ مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
  جىنايى قىلمىش ياكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان بولسا، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
7 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلمىسىمۇ بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ۋە ھەربىيلىرىدىن خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
8 – ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ياكى ئۇنىڭ پۇقراسىغا قارىتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانسا بولىدۇ، لېكىن جىنايەت سادىر بولغان جاينىڭ قانۇنى بويىچە جازا بېرىلمەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
9 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن جىنايەتلەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى شەرتنامىدە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدە يۈرگۈزىدىغانلىرىدا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
10 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن مۇشۇ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرى چەت ئەلدە سوت قىلىنغان بولسىمۇ، مۇشۇ قانۇن بويىچە يەنىلا سۈرۈشتۈرۈلسە بولىدۇ، لېكىن چەت ئەلدە جىنايى جازا بېرىلگەنلىرىگە جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.
11 – ماددا دىپلوماتىيە ئىمتىيازىدىن ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.
12 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش، مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغۇچە سادىر بولغان قىلمىشلاردىن شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسانلانمايدىغانلىرىغا شۇ چاغدىكى قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسابلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپ 4 – باب 8 – پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئەمما مۇشۇ قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسابلانمايدىغانلىرىغا ياكى يېنىكرەك جازا بېرىلىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە چىقىرىلغان كۈچكە ئىگە ھۆكۈملەر داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
2 – باب جىنايەت
1 – پاراگراف جىنايەت ۋە جىنايى جاۋابكارلىق
13 – ماددا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىميەتنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى بۇزىدىغان، دۆلەت مال – مۈلكىگە ياكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلدارلىقىدىكى مال – مۈلكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان،پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال – مۈلكىگە دەخلى – تەرۇزقىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا سوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلار، شۇنىڭدەك جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلاردىن قانۇن بويىچە جىنايى جازابېرىشكە تىگىشلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك يېنىك بولۇپ، خەۋپى چوڭ بولمىغانلىرى جىنايەت ھېسابلانمايدۇ.
14 – ماددا ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەمدە شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ياكى شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھېسابلىنىدۇ.
 قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
15 – ماددا ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشى مۇمكىملىكىنى ئالدىن بايقاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن بايقىماي ياكى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ كېتىپ، شۇنداق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھېسابلىنىدۇ.
 سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن قانۇندىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغانلىرىلا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
16 – ماددا قىلمىش ئوبيېكتىپ جەھەتتە زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بۇنداق ئاقىۋەت قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىنايەت ھېسانلانمايدۇ.
17 – ماددا 16 ياشقا توشقانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
 14 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە، يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىگەنلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۇيرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلانى ھۆكۈمەت يىغىۋېلىپ تەربىيلىسىمۇ بولىدۇ.
18 – ماددا روھىي كېسەللەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە باھالاپ بېكىتىلگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا ۋە داۋالىتىشىغا بۇيرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ھۆكۈمەت مەجبۇرىي داۋالىتىدۇ.
 ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەردىن روھىي ھالىتى نورمال چاغلاردا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
 ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرىش ياكى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق يوقاتمىغان روھىي كېسەللەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.
 مەستلەر جىنايەت ئۆتكۈزسە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
19 – ماددا ھەم گاس، ھەم گاچا ياكى ئەمالاردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىگە يېنىك ۋە يېنىكلىتىلىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
20 – ماددا دۆلەت، جامائەت مەنپەئىتىنى، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قىلىنىۋاتقان قانۇنسىز زىيانكەشلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانۇنسىز زىيانكەشلىكنى توسۇش يولىدا تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر يوللۇق قوغدانغانلار ھېسابلىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.
 يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
 ۋەھشىيلىك، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق، تۇتۇپ كېتىش ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا زورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندا ئوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە كىرمەيدۇ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.
21 – ماددا دۆلەت، جامائەت مەنپەئىتىنى، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى يۈز بېرىۋاتقان خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نائىلاج جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىپ زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.
 جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇپ، ئورۇنسىز زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
 1 – تارماقتىكى ئۆزىنى خەۋپتىن ساقلاپ قېلىشقا دائىر بەلگىلىمە ۋەزىپە ۋە كەسپىي جەھەتتە ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلارغا تەتبىقلانمايدۇ.
2 – پاراگراف جىنايەتنىڭ تەييارلىنىشى، ئەمەلگە ئاشماسلىقى ۋە توختىتىلىشى
22 – ماددا جىنايەتنىڭ ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە قورال – سايمان تەييارلاش، شارائىت يارىتىپ جىنايەتنىڭ تەييارلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
 تەييارلىقتىكى جىنايەتكە ئەمەلگە ئاشقان جىنايەتكە قارىغاندا يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ
جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
23 – ماددا جىنايەتچى جىنايەتكە كىرىشكەندىن كېيىن، ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسا، جىنايەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ھېسابلىنىدۇ.
 ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەتكە ئەمەلگە ئاشقان جىنايەتكە قارىغاندا يېنىك ياكى يېنكلىتىلىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.
24 – ماددا جىنايەت ئۆتكۈزىۋىتىپ جىنايەتتىن ئۆزلىكىدىن قول ئۈزۈش ياكى جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش جىنايەتنىڭ توختىتىلشى ھېسابلىنىدۇ.
  جىنايەتنى توختىتىپ قويغۇچىلاردىن زىيان پەيدا قىلمىغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلمانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
3 – پاراگراف بارلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت
25 – ماددا بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىرلىشىپ، قەستەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى كۆرسىتىدۇ.
 ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا جىنايىتىگە قاراپ جازا بېرىلىدۇ.
26 – ماددا جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلار ياكى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئاساسىي رول ئوينىغانلار ئاساسىي جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.
 ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن، بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان جىنايەتچىلەر تەشكىلاتى جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ.
 جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان باش ئۇنسۇرلارغا گۇرۇھنىڭ بارلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
27 – ماددا بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئاساسىي رول ئوينىمىغانلار ياكى ياردەمچى رول ئوينىغانلار ئەگەشكۈچى جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.
 ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەرگە يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
28 – ماددا باشقىلارنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقانلارغا جىنايى قىلمىشىغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
29 – ماددا باشقىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئوينىغان رولىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ. 18 ياشقا توشمىغانلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتلەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
 جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈلگۈچى شۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزمىگەن بولسا، كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچىگە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.
4 – باراگراف ئورۇن ئۆتكۈزگەن جىنايەت
30 – ماددا شىركەت، كارخانا، ئورگان ۋە تەشكىلاتلاردىن جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشى قانۇندا ئورۇن جىنايىتى دەپ بەلگىلەنگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
31 – ماددا ئورۇنلاردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا جىنايى جازا بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدا ۋە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
3 – باب جىنايى جازا
1 - پاراگراف جىنايى جازا تۈرى
32 – ماددا جىنايى جازا ئاساسىي جازا ۋە قوشۇمچە جازاغا بۆلۈنىدۇ.
33 – ماددا ئاساسىي جازانىڭ تۈرى تۆۋەندىكىچە:
 (1) رېجىم؛
 (2) تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش؛
 (3) مۇددەتلىك قاماق جازاسى؛
 (4) مۇددەتسىز قاماق جازاسى؛
 (5) ئۆلۈم جازاسى.
34 – ماددا قوشۇمچە جازانىڭ تۈرلىرى:
(1) جەرىمانە؛
(2) سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش؛
(3) مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش؛
قوشۇمچە جازانى ئايرىم بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
35 – ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەت ئەللىكلەرگە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى ئايرىم بېرىلسىمۇ، قوشۇمچە بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
36 – ماددا جىنايەتچىلەردىن جىنايى قىلمىش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەندىن باشقا، ئەھۋالغا قاراپ يەنە ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەش ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى جىنايەتچىلەردىن جەرىمانە جازاسىمۇ ھۆكۈم قىلىنىپ، مال – مۈلكى بارلىق چىقىمغا چىقىش قىلماي قالغانلىرى ياكى مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ھەق تەلەپ تۆلىمى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
37 – ماددا جىنايى قىلىمىشى يېنىك بولۇپ، جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغانلارغا جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىمسا بولىدۇ، لېكىن دېلو ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، تەنبىھ بېرىلسە ياكى توۋانامە يېزىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلسا ۋە ياكى مەسئۇل تارماق تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلسە ياكى مەمۇرىي چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.
2 – پاراگراف رېجىم
38 – ماددا رېجىم مۇددىتى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، ئىككى يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ.
رېجىم ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.
39 – ماددا رېجىم ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:
(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛
(2) ئىجراقىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەسلىك؛
(3) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ تۇرۇش؛
(4) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛
(5) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىش.
رېجىم ھۆكۈم قىلىمغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.
40 – ماددا رېجىم ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ رېجىم مۇددىتى توشقاندا، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭ رېجىمدىن بۈشىتىلغانلىقىنى ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ياكى ئۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىغا دەرھال جاكارلايدۇ.
41 – ماددا رېجىم جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ھۆكۈم ئىجراقىلىنىشتىن بۇرۇم قاماپ تۇرۇلغان بولسا، قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ ئىككى كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.
3 – پاراگراف تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش
42 – ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش مۇددىتى بىر ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن بولىدۇ.
43 – ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ھۆكۈم قىلىمغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېقىن جايدا ئىجراقىلىدۇ.
جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى ھەر ئايدا بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە ئۆيىگە قايتسا بولىدۇ؛ ئەمگەككە قاتناشقانلىرىغا ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىلسە بولىدۇ.
44 – ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قاماپ تۇرۇلغان بولسا، قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4 – پاراگراف مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسز قاماق جازاسى
45 – ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، 15 يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 50 – ۋە 69 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
46 – ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى تۈرمىدە ياكى باشقا ئىجرا ئورۇنلىرىدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئەمگەك ئىقتىدارى بارلىرى ئەمگەككە قاتنىشىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلدۇ.
47 – ماددا مۇددەتلىك جاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قاماپ تۇرۇلغان بولسا، قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5 – پاراگراف ئۆلۈم جازاسى
48 – ماددا ئۆلۈم جازاسى جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر جىنايەتچىلەگىلا بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك جىنايەتچىلەردىن جازاسىنى دەرھال ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغانلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانسا بولىدۇ.
ئۆلۈم جازاسىنىڭ قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلسا ياكى تەستىقلىسا بولىدۇ.
49 – ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا 18 ياشقا توشمىغانلارغا ۋە سوت قىلىنغاندا ھامىلىدار ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ.
50 – ماددا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىللىق مۇددەت توشقاندىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ ھەقىقەتەن چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىللىق مۇددەت توشقاندىن كېيىن 15 يىلدىن يۇقىرى، 20 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدۇ؛ قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راست بولۇپ چىققانلىرىغا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
51 – ماددا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ جازا مۇددىتى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
6 – پارگراف جەرىمانە
52 – ماددا جەرىمانە ھۆكۈم قىلىنغاندا، جەرىمانە سوممىسى جىنايى قىلمىشقا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
53 – ماددا جەرىمانە ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن سۈرۈك ئىچىدە بىر قېتىمدا ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرغۇزۇلىدۇ. سۈرۈك توشقىچە تاپشۇرمىغانلارغا مەجبۇرىي تاپشۇرغۇزۇلىدۇ. جەرىمانىنى تولۇق تاپشۇرالمايدىغانلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ تاپشۇرغۇدەك مال – مۈلكى بارلىقىنى قاچان سەزسە شۇ چاغدا تاپشۇرغۇزىدۇ. تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئۇچراش سەۋەبىدىن تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ جەرىمانە ئازايتىلسا ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
7 – پاراگراف سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش
54 – ماددا سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن مەھرم قىلىنىدۇ:
(1) سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى؛
(2) سۆز، مەبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھوقۇق؛
(3) دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلرى، كەسپىي ئورۇنلىرىدا ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەش ھوقۇقى.
55 – ماددا سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 57 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
رېجىم ھۆكۈم قىلىنىپ قۇشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنىش مۇددىتى رېجىم مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، بىر ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ.
56 – ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتىلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.
57 – ماددا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدۇ.
كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلسە ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلسە، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.
58 – ماددا قۇشۇمچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن ياكى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ئاساسىي جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازا ئىجرا قىلىنۋاتقان مەزگىلدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇشى كېرەك؛ ئۇلار مۇشۇ قانۇننىڭ 54 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ.
8 – پارگراف مال – مۈلۈكنى مۇسادىر قىلىش
59 – ماددا مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مال – مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مال – مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشقا توغرا كەلگەن جىنايەتچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زۆرۈر تۇرمۇش خىرجىتى قالدۇرۇلىدۇ.
 مال – مۈلكنى مۇسادىرە قىلىش ھۆكۈم قىلىنغاندا، جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەئەللۇق ياكى تېگىشلىك بولغان مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ.
60 – ماددا جىنايەتچىنىڭ مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئورۇنلۇق قەرزىنى مۇسادىرە قىلىنىدىغان مال – مۈلۈك بىلەن قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھەقدارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ.
4 - باب جىنايى جازانىڭ كونكرېت بېرىلىشى
1 – پاراگراف جازا ئۆلچەش
61 – ماددا جىنايەتچىگە بېرىلىدىغان جازا ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ پاكىتىغا، جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىگە، ئەھۋالىغا ۋە جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن خەۋپىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
62 – ماددا جىنايەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال بولغانلىرىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جازادىن تۆۋەن جازا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
63- ماددا جىنايەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدىغان ئەھۋال بولمىغانلىرىغا دېلودىكى ئالاھىدە ئەھۋالغا قاراپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن جازادىن تۆۋەن جازا ھۆكۈم قىلىنسىمۇ بولىدۇ.
64 – ماددا جىنايەتچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تاپقان پۇل – مېلىنىڭ ھەممىسى تاپشۇرغۇزۇلىدۇ ياكى قاتۇرۇغۇزۇلىدۇ، تۆلىتىلىدۇ؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي مال – مۈلكى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ مەنئى قىلىنغان نەرسىلەر ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئىشلىتىلگەن شەخسى پۇل – مال مۇسادىرە قىلىنىدۇ. مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – مال ۋە ئېلىنغان جەرىمانە بىردەك دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇنى ئىشلىتىۋېلىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
2 – پارگراف تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزۈش
65 - ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلىدىغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەر تەكرار جىنايەت ئۆتكۈۈزگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ، لېكىن سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
 ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇددەت شەرتلىك قوريۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىگە تەتبىقلانغاندا، شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
66 – ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر قانداق چاغدا يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرى تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرقاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
3 – پاراگراف ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە خىزمەت كۆرسىتىش
67 – ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دېلوسىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىپ، جىنايەتنى ئەينەن ئىقرارقىلىش ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بولىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جىنايەتچىلەرگە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. ئۇلاردىن جىنايىتى يېنىكرەك بولغانلارغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
 مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار ۋە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەردىن ئەدلىيە ئورگىنى تېخى ئىگىلىمىگەن باشقا جىنايەتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
68 – ماددا جىنايەتچىلەردىن باشقىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راست بولۇپ چىققانلىرى ياكى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، باشقا دېلونىڭ پاش قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ؛ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
  جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلارغا يېنىكلىتىپ جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
4 – پاراگراف بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش
69 – ماددا بىر كىشى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانغا قەدەر بىر نەچچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىرىنى ھېسبقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى ئەھۋالغا قاراپ، يىغىندى جازا مۇددىتدىن قىسقا، بىر نەچچە جازا ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
 بىر نەچچە جىنايەت ئىچىدە قوشۇمچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، قۇشۇمچە جازا ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ.
70 - ماددا جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرىنىڭ يېڭى سېزىلگەن جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھۆكۈمىدىكى جازا مۇشۇ قانۇننىڭ 69 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئىجرا قىلىنىدىغان جازا قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئىجرا قىلىنىپ بولغان جازا مۇددىتى يېڭى ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن جازا مۇددىتى ئىچىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلىنىدۇ.
71 – ماددا جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەنلىرىنىڭ يېڭى جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى جىنايىتىگە بېرىلىپ ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازا بىلەن كېيىنكى جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىنغان جازا مۇشۇ قانۇننىڭ 69 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىجرا قىلىنىدىغان جازا قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
5 – پارگراف جازا كېچىكتۈرۈش
72 - ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جىنايەت ئەھۋالىغا ۋە توۋا قىلىش ئىپادىسىگە قاراپ جازاسى كېچىكتۈرۈلسە، جەمئىيەتكە ھەقىقەتەن قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلىرىغا جازانى كېچىكتۈرۈش جاكارلانسا بولىدۇ.
 جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەرگە قوشۇمچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، قوشۇمچە جازا ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ.
73 – ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىدىغانلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ئىككى ئايدىن قىسقا بولمايدۇ.
 مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن بىر يىلدىن قىسقا بولمايدۇ.
 جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
74 – ماددا تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازاسى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
75 – ماددا جازا كېچىكتۈرش جاكارلانغان جىنايەتچىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلشى كېرەك:
 (1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛
 (2) تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش؛
 (3) تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛
 (4) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش.
76 – ماددا جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەرنى جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرىدۇ، ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 77 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلمىسە، جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ ھەم بۇ ئاشكارا جاكارلىنىدۇ.
77 – ماددا جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەردىن جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ھۆكۈم جاكارلىنىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرىگە جازانى كېچىكتۈرۈش بىكار قىلىنىپ، يېڭى جىنايىتى ياكى يېڭىدىن سېزىلگەن جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى جىنايىتى بىلەن كېيىنكى جىنايىتى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىنغان جازا مۇشۇ قانۇننىڭ 69 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان جازا قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
 جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەردىن جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە قانۇنغا، مەمۇرىي نىزامغا ياكى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ جازا كېچىكتۈرۈلگەنلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىلمشى ئېغىر بولغانلىرىغا جازا كېچىكتۈرۈش بىكار قىلىنىپ، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنىدۇ.
6 - پارگراف جازا كېمەتىش
78 – ماددا رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئىجرا قىلىنۋاتقان مەزگىلدە تۈرمە قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ جازاسى كېمەيتىلسە بولىدۇ؛ تۆۋەندىكى چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىنىڭ جازاسى كېمەيتىلىدۇ:
 (1) باشقىلارنىڭ زور جىنايى ھەرىكىتىنى توسقان بولسا؛
 (2) تۈرمە ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور جىنايى ھەرىكەتنى پاش قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راست بولۇپ چىققان بولسا؛
 (3) كەشپىيات – ئىجادىيەت ياراتقان ياكى تېخنىكىنى زور دەرىجىدە يېڭىلىغان بولسا؛
 (4) كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقلارنى قۇتۇلدۇرغان بولسا؛
 (5) تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى ياكى زور ھادىسىنى تۈگىتىشتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان بولسا؛
 (6) دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە باشقا زور تۆھپە قوشقان بولسا.
جازا كېمەيتىلگەندىن كېيىن ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەسلىي ھۆكۈمىدىكى جازا مۇددىتىنىڭ يېرىمىدىن قىسقا بولمايدۇ.
79 – ماددا جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشتە جازا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەيتىش توغرىسىدا تەكلىپنامە سۇنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ قاراپ چىقىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش پاكىتى بارلارنىڭ جازاسىنى كېسىم بىلەن كېمەيتىدۇ. جازانى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كېڭەيتىشكە بولمايدۇ.
80 – ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەنلەرنىڭ جازا مۇددىتى جازاسىنى كېمەيتىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
7 – پاراگراف شەرتلىك قويۇپ بېرىش
81 – ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىنڭ تەڭدىن تولىسى ئىجرا قىلىنىپ بولغانلار، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئەمەلىيەتتە ئون يىلدىن ئارتۇقراق ئىجرا قىلىنغانلار تۈرمە قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولۇپ، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان بولسا، شەرتلىك قويۇپ بېرىلسە بولىدۇ.ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق جازا مۇددىتى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ.
تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭدەك قاتىللىق قىلىش، پارتلىتىش، بۇلاڭچىلق قىلىش، باسۇنچىلىق قىلىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلق زورلۇق خاراكتىرىدىكى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماقجازاسى بېرىلگەنلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.
82 - ماددا جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇشۇ قانۇننىڭ 79 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.
83 - ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى سىناش مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ.
شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سىناش مۇددىتى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
84 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى جاكارلانغان جىنايەتچىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قلىشى كېرەك:
(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛
(2) نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇش؛
(3) نازارەتچىلىك ئورنىنىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛
(4) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش.
85 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 86 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە، شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان ھېسابلىنىدۇ ھەمدەئۇ ئاشكارا جاكارلىنىدۇ.
86 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىناتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 71 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر نەچچە جىنايەتى قوشۇپ جازالىنىدۇ.
شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، ھۆكۈم جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 70 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر نەچچە جىنايىتى قوشۇپ جازالىنىدۇ.
شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، يېڭى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ تۈرمىگە ئېلىنىپ، ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
8 - پاراگراف ۋاقىت چېكى
87 - ماددا تۆۋەندىكى مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەن جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ:
(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا توشمايدىغان بولۇپ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازسىغا توشمايدىغان بولۇپ، ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛
(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، بولۇپ، ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بولۇپ، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتش شەرت.
88 - ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت ئېچىپ تەھقىقلەشكە كىرىشكەن ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەھقىقلەشتىن ياكى سوت قىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشتە مۇددەت چېكى بولمايدۇ.
زىيانلەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە شىكايەت قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دېلو ئاچمىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈشتە مۇددەت چېكى بولمايدۇ.
89 - ماددا سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى جىنايەت سادىر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ جىنايى قىلمىش ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، جىنايى قىلمىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسانلىنىدۇ.
سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىلگىرىكى جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى كېيىنكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
5 - باب باشقا بەلگىلىمىلەر
90 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئانچە مۇۋاپىق كەلمەي قالغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاپتونوم رايونلۇق ياكى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا بىنائەن، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قويىدۇ.
91 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جامائەت مال - مۈلكى تۆۋەندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ:
(1) دۆلەت مال - مۈلكى؛
(2) ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلكى؛
(3) نامراتلارنى يۆلەش ۋە باشقا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىئانە ياكى مەخسۇس فوند مال - مۈلكى.
دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كوللېكتىپ كارخانىلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى باشقۇرۇۋاتقان، ئىشلىتىۋاتقان ياكى توشۇۋاتقان خۇسۇسىي مال - مۈلۈك جامائەت مال - مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.
92 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال - مۈلكى تۆۋەندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ:
(1) پۇقرالارنىڭ قانۇنىي كىرىمى، ئامانەت پۇلى، ئۆي - ئىمارىتى ۋە باشقا تۇرمۇش ۋاستىلىرى؛
(2) قانۇن بويىچە شەخسكە ۋە ئائىلىگە تەئەللۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى؛
(3) يەككە تىجارەتچىلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قانىي مال - مۈلكى؛
(4) قانۇن بويىچە شەخسكە تەئەللۇق پاي، پاي چېكى، زايوم ۋە باشقا مال - مۈلكى.
93 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خادىملىرى دۆلەت ئورگانلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەتلەر، كاراخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملار، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا خادىملار دۆلەت خادىمى دەپ قارىلىدۇ.
94 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېغىر زەخىملەندۈرۈش تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن زەخىملەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ:
(1) ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرىنى مېيىپ قىلىش ياكى چىراي - شەكلىنى بۇزۇۋېتىش؛
(2) ئادەمنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ئەزالىرى ياكى باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىش؛
(3) ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا زەخىملەر.
96 - ماددا بۇقانۇندا ئېيتىلغان دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ۋە بېكىتىمىلىرىگە، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، بېكىتمە ۋە بۇيرۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنى كۆرسىدۇ.
97 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باش ئۇنسۇرلار جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئىچىدە ياكى توپلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش رولىنى ئوينىغان جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
98 - ماددا مۇ قانۇندا ئېيتىلغان دەۋا قىلىنغاندىلا سوراش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋا قىلغاندىلا سوراشنى كۆرسىتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زورلۇق ۋە تەھدىتكە ئۇچراپ دەۋا قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
99 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «...دىن يۇقىرى....دىن تۆۋەن»، «...ئىچىدە» دېيىلگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
100 - ماددا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ئەسكەر بولىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان چاغدا، ئۆزىگە بۇرۇن جىنايى جازا بېرىلگەنلىكىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوشۇرماي ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.
101 - ماددا بۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى جىنايى جازا بەلگىلەنگەن باشقا قانۇنلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن باشقا قانۇنلاردىن ئالاھىدە بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
2-قىسىم خاس پرىنسىپ
1-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
102 - ماددا چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
103 - ماددا دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەتنى پارچىلاشقان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
104 - ماددا قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە كۆتۈرگەنلەردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنى، قوراللىق قىسىم خادىملىرىنى، خەلق ساقچىلىرىنى، خەلق ئەسكەرلىرىنى قۇترىتىش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش يولى بىلەن قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
105 - ماددا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىغۋا توقۇش، تۆھمەت چاپلاش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
107 - ماددا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىك ئاپپارات، تەشكىلات ياكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ مۇشۇ بابنىڭ 102 -، 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە ماددىي ياردەم بەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
108 - ماددا دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى قوراللىق قىسىم خادىملىرى، خەلق ساقچىلىرى، خەلق ئەسكلەرلىرىنى باشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولغان ئاسىيلىق قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
109 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىش ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ، ئاسىيلىق قىلىپ چېگرا سىرتىغا قېچىپ ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت مەخپىيىتىنى ئىگىلەپ تۇرغان دۆلەت خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىك جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
110 - ماددا تۆۋەندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قىلىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛
(1) جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلار ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتىدىن ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۋالغانلار؛
(2) دۈشمەنگە توپقا تۇتۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلەر.
111 - دۆلەت مەخپىيىتىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە خادىملارغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ - تىڭلاپ بەرگەن، سېتىۋېلىپ بەرگەنلەرگە ۋە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
112 - ماددا ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەننى قورال - جابدۇق ۋە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ ياردەم بەرگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 106 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.
2 - باب جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
115 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
116 - ماددا پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوتقا ۋە ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت ۋە ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
117 - ماددا رېلىس، كۆۋرۈك، تونېل، تاشيول، ئايرودروم، سۇ يولى، ماياك، بەلگىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ياكى باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت، ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
118 - ماددا ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە ياكى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
119 - ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
120 - ماددا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە قاتىللىق قىلىش، پارتلىتىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق جىنيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان شەخسلەرگە ماددىي ياردەم بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇق قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
121 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى بۇلىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەىىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
122 - ماددا زورلۇق ئىشلىتى، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىللارنى بۇلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى يكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
123 - ماددا ئۇچۇۋاتقان ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىدىكى خادىملارغا زورلۇق ئىشلىتىپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
124 - ماددا رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
125 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، پوچتىدىن يوللىغان ۋە ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ساقلىغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
126 - ماددا قورال - ياراغ ياسىشى ۋە سېتىشى قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە بېكىتىلگەن كارخانىلار قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، بۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛
(1) قانۇنسىز سېتىش مەقسىتىدە، قورال - ياراغنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ياكى بەلگىلەنگەن تۈرگە ئەمەل قىلماي ياسىغان، تەمىنلىگەن بولسا؛
(2) قانۇنسىز سېتىش مەقسىتىدە، قورال - ياراغنى نومۇرسىز، تەكرار نومۇرلۇق، يالغان نومۇرلۇق قىلىپ ياسىغان بولسا؛
(3) قورال ياراغنى قانۇنسىز ساتقان ياكى ئېكسپورت ئۈچۈن ياسالغان قورال - ياراغنى چېگرا ئىچىدە ساتقان بولسا؛
127 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچنى ئوغرىلىغان ۋە تارتىۋالغان ياكى زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى ئوغرىلاپ، تارتىۋېلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچنى بۇلىغان ياكى زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى بۇلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ۋە ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، ھەربىي، ساقچى خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچىنى ئوغرىلىغان ۋە تارتىۋالغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
128 - ماددا قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىلكىدە تۇتقان ۋە يوشۇرۇن ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورال - ياراغنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بەرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 2 -، 3 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
129 - ماددا ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالىنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
130 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلارنى ياكى پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىپ ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
131 - ماددا ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىشى ياكى ئادەم ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
132 - ماددا تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى يكاى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
133 - ماددا قاتناش - ترانسىپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قاتناش - ترانسپورت ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قېچىپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
134 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىشچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلت قىلىشقا زورلاپ زور تالاپەت تۇغدۇرغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
135 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيد، ئالاقىدار تارماقلار ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇن ئاپەتكە تەدبىر قوللىنىلماي زور تالاپەت ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.



136 - ماددا پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
137 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تكۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
138 - ماددا مەكتەپ بىناسى ياكى مائارىپ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەدبىر قوللانماي ياكى ئۇنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي زور تالاپەت پەيدا قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
139 - ماددا ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قانۇن - نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نازارەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
3 - باب سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى
1 - پاراگراف ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
140 - ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ياكى ئۆلچەمگە لايىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتنى ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىپ ساتقان سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئىككى مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى ئىككى مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
141 - ماددا كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان دورا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان يالغان دورا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يالغان دورا ھېسابلىنىدىغان ۋە يالغان دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان دورىلارنى، دورا ئەمەس نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
142 - ماددا ناچار دورا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ناچار دورا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ناچار دورا ھېسابلىنىدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.
143 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىەە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 05 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
144 - ماددا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان يېمەكلىككە يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرغانلارغا ياكى يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالار ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 141 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
145 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىشلەپچىقارغان ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
146 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، بېسىملىق قاچا ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان مەھسۇلات ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
147 - ماددا يالغان دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان مال دوختۇرلۇق دورىسى ۋە يالغان خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقارغان، يالغان، ياكى كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلار ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئۇرۇقنى ئۆلچەمگە توشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ايكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى پەۋقۇلئاددە زور زىياغان ئۇچراتقانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
148 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان ياكى تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
149 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 141 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلار بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشمىسىمۇ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. مۇشۇ پاراگرافنىڭ 141 - ماددىسىدىن 148 - ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتكىمۇ توشىدىغانلىرىغا ئېغىرراق جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
150 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 140 - م